خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئىرادە» ناملىق پاراخوتتىكى بۇرغىلاش ئىشچىلىرى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. بىپايان جەنۇبىي دېڭىزدا، دولقۇن يېرىپ بىر كېچە-كۈندۈز ئالغا ئىلگىرىلىگەندىن كېيىن، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك 33 ئالىم ئولتۇرغان ئامېرىكىنىڭ «ئىرادە» ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى نىشانلانغان دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى 3-قېتىملىق ئوكيان قىدىرىپ تەكشۈرۈشىنى باشلىدى، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىرىنچى قۇتا دېڭىز ئاستى چۆكۈندىسى ئوڭۇشلۇق بۇرغىلاپ ئېلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى