خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى، 336 نەپەر ھەر مىللەت، ھەر ساھە كىشىلىرى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھىم ئىشلارنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىدۇ.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ئىلھام سابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى ۋە 2016- يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بۇندىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلەپلىرى، نىشان ۋە 2017-يىلىدىكى خىزمەت ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى