باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى مۇدىرلار يىغىنىدا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش تەلەپ قىلىندى

2017.02.15 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11- فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى مۇدىرلار يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئورۇنلىرى بۇ يىل ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ئاساستا، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ھەر دەرىجىلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تارماقلىرى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، باشتىن-ئاخىر مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پەن – تېخنىكا بويىچە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم؛ ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، خەلق ئاممىسىغا تايىنىش، خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش كېرەك؛كاتەكچىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تايانچ قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىي قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كۆرۈش تورىدىن پايدىلىنىپ، ئۇچۇر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر