خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ئاي جىمجىت بولۇپ قالغان مەكتەپلەر بۇرۇنقى قاينام – تاشقىنلىق ھالىتىگە قايتتى، تۇنۈگۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مەۋسۈملۇق ئوقۇش باشلىنىشقا تىزىملىتىش كۈنى بولدى، ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشى باشلاندى.
شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈندىن باشلاپ، بالىلار يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنى باشلايدۇ، بالىلارمۇ كۆڭلىنى ئوقۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆڭلىنى ئوقۇتۇشقا قويۇشى يېڭى مەۋسۈم باشلىنىش ئالدىدا چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى مەكتەپلەرگە سەييارە بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ، مەكتەپلەرگە كىرىپ مەكتەپنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ. شۇڭا ئەستايىدىل، پۇختا ھالەت بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش يېڭى مەۋسۈملۈك خىزمەتتىكى مۇھىم نۇقتا بولىدۇ. ئوقۇش باشلانغان 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر بىر مەكتەپتە ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، كېسەللىكنى كۈندىلىك يوللاش خىزمىتى يولغا قويۇلۇپ، بالىلارغا مەكتەپتە ساغلام، بىخەتەر بولغان ئوقۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى