باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدىغانلىقنى تەلەپ قىلدى

2017.02.04 17:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:«شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرا- غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە ئىلھام بەرمەسلىكى كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىر تەرەپلىمە ھالدا يۇقىرى ئىش ھەققى ۋە تەمىناتى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدۇ، ھەمدە ئاددىي ھالدا ئىلىمىي ئۇنۋانى ۋە ئىختىساسلىقلار ئۇنۋانىغا قاراپلا ئىش ھەققى تەمىناتىنى بېكىتىشكە ۋە ئىلمىي بايلىقىنى تەقسىملەشكە بولمايدۇ؛ ئالى مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بىر رايوندا ئىختىساسلىقلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بەلگىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتىنى مۇۋاپىق يېتەكلەش كېرەك.» بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇۋاپىق ۋە تەرتىپلىك يۈرۈشۈپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىچكى جەھەتتىن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن مۇۋاپىق ئورۇن تەمىنلەش ئىسلاھات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مەغلۇپ بولغانلارغا كەڭ قورساق بولۇپ،تەمىناتى مۇۋاپىق، كەينىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان، ئاشكارا ۋە باراۋەر بولغان، رىقابەتلەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كەتمەي، داغدۇغا قوزغاشقا ئىنتىلمەي، ئاساس سېلىشقا ۋە يىراقنى كۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتىكى نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئۈنۈملۈك تەرتىپلەرنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر