باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇن بويىچە نوپۇسقا ئېلىنىش ھوقۇق-مەنپەئەتى ھەقىقىي قوغدالدى

ئېلىمىزدە نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئېلىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى

2017.02.13 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇمەن نوپۇسسىزلار مەيلى قاچان، نېمە سەۋەبتىن بولسۇن، ئۇلارنىڭ نوپۇس رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىش كېرەك؛ پۇقرالارنىڭ نوپۇسىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، يېڭىدىن نوپۇسسىزلار پەيدا بولۇش مەسىلىسىنى سۈنئىي پەيدا قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  «نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى «قارا نوپۇس» مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قائىدە تىكلەپ بەردى. 2016- يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇپ، بايقالغان ھەر بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسى يوق خادىملارنى نوپۇسقا ئېلىش سىياسىتىنى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ قانۇن بويىچە نوپۇسقا ئېلىنىشى كېرەكلىكىدەك ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

  2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە نوپۇسى يوقلاردىن يەنە 1 مىليون 435 مىڭى نوپۇسقا تىزىملاندى. ئىلگىرى، «قارا نوپۇس»لارغا نىسبەتەن مەكتەپتە ئوقۇش، توي قىلىش، ئۆي ئېلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا تىزىملىتىشتىن پويىز بېلىتى، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش، مېھمانخانىدا قونۇشقىچە ھېچقايسىسىنى قىلغىلى بولمايتتى. «پىكىر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ قىيىنچىلىقلار بىر-بىرلەپ ھەل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر