باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش ئاساسىي ماھارىتىگە يېڭى تەلەپ قويۇلىدۇ

2017.02.10 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئورتاق تىلنى ياخشى سۆزلەپ، قېلىپلاشقان خەتنى ياخشى يېزىپ، تىل-يېزىقنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق كومىتېتى 9-فېۋرال مەكتەپلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، ساۋاتلىق بولۇشنىڭ ئاساسلىق ماھارىتىگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ باش نىشانى _ ئوقۇغۇچىلاردا تىل-يېزىقنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش ۋە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاڭلىق، ئۆلچەملىك ئىشلىتىش ئېڭى ۋە جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىپ ئەۋج ئالدۇرۇش ئېڭى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. كونكرېت نىشانى يەنە ئوقۇتقۇچىلار نىشانى ۋە ئوقۇغۇچىلار نىشانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلار نىشانى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تىل-يېزىق فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى بىلەن تونۇشۇش، پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، خەنزۇچە خەتنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىپ، چىرايلىق يېزىش، بەلگىلىك دېكلاماتسىيە قىلىش سەۋىيەسى ۋە خەتتاتلىقتىن زوقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش، ئالاقىدار تىل-يېزىقنىڭ قېلىپلاشقان ئۆلچىمىنى پىششىق ئىگىلەش؛ يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە بولۇش؛ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ۋە جۇڭخۇانىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئاڭلىق ئومۇملاشتۇرۇش ئېڭى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر