باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ چېگرادىن كىرگۈچىلەرنى تەكشۈرگەندە، چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى قالدۇرۇشنى قارار قىلدى

2017.02.10 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چېگرادىن كىرمەكچى بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى قالدۇرۇش قاتارلىق ئادەم بەدىنى بىيو پەرق ئۇچۇرىنى قالدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى، ئېلىمىز چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتتا تۈركۈمگە بۆلۈپ، جۇڭگو چېگراسىدىن كىرگەن 14 ياش (14 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 70ياش (70 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غىچە بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى قالدۇرىدىكەن، دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ئىگە ياكى باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بار چەت ئەللىكلەرگە قارىتا، بارماق ئىزىنى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدىكەن. 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، شېنجېن ئايرودۇرۇمى قاتارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدا نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كېڭەيتىلىدىكەن.

  ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرادىن كىرگەن ۋە چىققانلارنىڭ بىيو پەرق ئۇچۇرىنى قالدۇرۇشى بولسا چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە، خەلقئارادا نۇرغۇن دۆلەت بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرادىن نورمال كىرىش ۋە چىقىش تەرتىپىنى قوغداپ، چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر