باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامىدا 20 نەچچە تېلېفون كارتىسى بېجىرىپ، 6000 يۈەن قەرز بولغان فۇكاڭلىق ئەر قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلدى

2017.02.10 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-فېۋرال، فۇكاڭلىق سۈن ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق ئىنكاس قىلدى: يېقىندا ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى تېلېگراف شىركىتىگە بېرىپ كەسىپ بېجىرمەكچى بولغاندا، مۇلازىمەتچى خادىملار ئۇنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى، كەسىپ بېجىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنى ئاڭلىغان سۈن ئەپەندى: «مەن يا قەرز بولۇپ قالمىسام ياكى تېلېفونۇمنىڭ ناچار قىلمىش خاتىرىسى بولمىسا، نېمە دەپ قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغۇدەكمەن»، دەپ ئاڭقىرالمايلا قالغان.

  تەكشۈركەندىن كېيىن، سۈن ئەپەندى تېخىمۇ ھەيران قالدى، ئۇنىڭ نامىدا 20 نەچچە كارتا بار ئىدى. تېلېگراف مۇلازىمەتچىسى سۈن ئەپەندىمگە بۇ 20 نەچچە تېلېفون نومۇرىنىڭ 6000 يۈن قەرزىنى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن كەسىپ بېجىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  «بۇ نومۇرلار يا مېنىڭ نومۇرۇم بولمىسا، بۇلارنىڭ قەرزىنى تۆلىسەم ئۇنداقتا ماڭا ئۇۋال بولمامدۇ؟» بىراق، سۈن ئەپەندى تۆلىمىسە ئۆزىنىڭ ئىزچىل قارا تىزىملىكتە تۇرىدىغانلىقىدىن ھەم كېيىن تۇرمۇشتا بىرەر ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى.

  ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن، مۇخبىر فۇكاڭ شەھەرلىك تېلېگراف ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈردى. خېرىدار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لۇ ئەپەندى مۇنداق چۈشەندۈردى: «2013- يىلىدىن بۇرۇن، ئۆز نامىدا كارتا بېجىرىش تۈزۈمى ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، بەزى كارتا بېجىرىدىغان دۇكانلارنىڭ تېلېفون كارتا بېجىرىش ئىشلىرىغا بولغان باشقۇرۇشمۇ ئۇنچە قاتتىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا بەلكىم خېرىدارنىڭ نامىدا نەچچە كارتا بار بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، سۈن ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا شىركەت تېزلىكتە تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئەگەردە راست ئۆزى بېجىرمىگەن كارتىلار بولسا، شىركەت بۇ نومۇرلارنى توختىتىپ ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سۈن ئەپەندى قەرزنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر