باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇرقى چەتئەل زىيارىتىدە زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى

2017.02.04 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق دىپلوماتىيە خىزمىتىدىكى قايسى ئىشلار سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى؟ شىخۇ كۆلى بويىدىكى شەرقچە كەيپىياتمۇ ياكى لىما قەدىمىي شەھىرىدىكى لاتىنچە ئۇسلۇبمۇ؟ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىشمۇ ياكى قوشنىلار ئارىسىدىكى ھەمدەملىكمۇ؟

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ مىكرو ۋىدىيو ئىشخانىسى يېقىندا مىكرو ۋىدىيو ئىشلەپ، ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلىدىكى دۇنيا سەھنىسىدىكى پائالىيەتلەرنى ئەسلەپ، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى يارىتىش ۋە كۈچەيتىش جەريانىنى نامايان قىلدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2016-يىلى بەش قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، 75 مىڭ كىلومېتىر يول بېسىپ، 16 دۆلەتكە بېرىپ، چەتئەللەردە 30 كۈن تۇردى.

  شى جىنپىڭ 2016-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىبارەت بەش خەلقئارا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، يەر شارىنى ئوڭشاش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ لايىھەسىنى شەرھلەپ، جۇڭگو پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئۇ ئوباما بىلەن ئۈچ قېتىم، پۇتىن بىلەن بەش قېتىم كۆرۈشتى. بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يەتتە دۆلەت بىلەن يېڭىدىن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى، 11 دۆلەت بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. جۇڭگو باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان، ھەمبەھىرلىنىدىغان يەر شارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاش قارىشىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى.

  شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتى ئارقىلىق يېتەرلىك ئەمەلىي نەتىجە ئېلىپ كەلدى. ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇپ، 52 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇپ، 40 نەچچە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. كامبودژادا زىيارەتتە بولۇپ، 31 ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇردى، ئىككى تەرەپ 13 ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.

  20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 29 تۈرلۈك نەتىجە ھۆججىتى ھاسىل قىلىنىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكەن بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بولۇپ قالدى.

  شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىغا دۇنيا مىقياسىدا ئاۋاز قوشۇلدى، ھازىرغىچە، يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىر بەلباغ، بىر يولنى پائال قوللىدى ۋە قاتناشتى، 40 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

  شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيەسى ئىنسانىي تۇيغۇغا تولۇپ تاشتى. ئۇ چېختا زىيارەتتە بولغاندا، چېخ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ جەنۇبىي گۈللۈكىدە ياش-ئۆسمۈر مۇز توپ، پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن ئالايىتەن كۆرۈشتى. سېربىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، «ۋالتېرنىڭ سارايېۋونى قوغدىشى» دېگەن كىنونىڭ باش قەھرىمانى ۋالتېرنىڭ ئايالى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى جۇڭگوغا يېتىپ بارغاندا، جۇڭگو خەلقى ئۇنى سېغىنىپ ياد ئەتتى دېدى. شى جىنپىڭ فېدېل كاستىرونىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۇبانىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانسىىغا مەخسۇس بېرىپ تەزىيە بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر باتالىيونى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ ھەربىي پاراخوت بىلەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىتى ۋە يارىدارلارنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشكە قوماندانلىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، سەمىمىي، ئەمەلىي دىپلوماتىيە ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىدىغان ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

  كەلگۈسىدە، شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگونى يېتەكلەپ، دۇنيا سەھنىسىدە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر