باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاشنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

ئۆيلۈك يەر، تارىختىن قېپقالغان ھوقۇق تەۋەلىكىگە چۈشەنچە بېرىلدى

2017.02.09 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقىنى قوغداپ، يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساسلىق خىزمەت. ھازىر، يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەرلەر ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش كىنىشكىسى تارقىتىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېزىلارنىڭ يەر نوپۇسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسى ئاجىز، قىسمەن جايلارنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمەت سۈرئىتى ئاستا بولۇش، بەزى جايلاردىكى ئۆيلۈك يەرلەرنىڭ «بىر ئائىلىنىڭ نۇرغۇن تۇرالغۇسى بولۇش»، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىگىلەش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا « ئۆيلۈك يەر ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىشقا ئالاقىدار مەسىلىلىرىنى يەنىمۇ تىز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، يەرلىكنىڭ يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىياسەت ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشتە ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يەر تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى (كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى)نىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسمەن شەھەر، ناھىيەلىرىدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «يېڭىنى تارقىتىپ، كونىنى توختىتىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى. لېكىن قىسمەن جايلارنىڭ يېزا كۆچمەس مۈلكىنى تىزىملاش خىزمىتىدە قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى ساقلاندى.

  مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: يېزا ئۆيلۈك يەر ۋە كوللېكتىپ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئۆي ئىگىدارلىقى كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» قاتارلىق قانۇن-سىياسەت بەلگىلىمىسى بويىچە بىرلىككە كەلگەن كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تارقىتىش كېرەك. بۇنى كېچىكتۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ.مەسئۇل كىشى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆي بىلەن يەر بىرلەشكەن يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق ئۆي ئورنى، كەنت كوللېكتىپ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئۈستىدىكى مۇقىم مۈلۈكنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ۋە يېزا يەرلىرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشتىن ھەق ئالماسلىق، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرماسلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرگەندە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتى ئۆيلۈك يەر، كوللېكتىپ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر ۋە ئۆينىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈشى ۋە كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ياكى كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيىدا چۈشەندۈرۈشى كېرەك، شۇنداقلا ئېلان چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر