خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،كىنو- رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن چاغراق يېزىسىنىڭ چاغراق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئۆزئارا قوشماقلىشىپ تۇغقان بۇلۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش»، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تېمىسىدا ئەدەبىيات–سەنئەت، زېھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە كەڭ دېھقان-چارۋىچىلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەزمۇن قىلىنغان ئېسىل سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
چاغراق كەنت 2-مەھەللىسىدىكى 67 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مەتنىياز داۋۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كىنو-رادىيو –تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىپلا قالماي، سىياسىي ئېڭىمىزنى ئۆستۈردى. چاغاندا كۈنلىرىمىزنى مۇشۇنداق خوشال-خورام، مەنىلىك ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ناھايىتى خوشالمەن.
چاغراق كەنتىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قۇربانجان ھەسەن مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان، كەنتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك تېمىدىكى پائالىيەتلەر ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۈتۈردى.
سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چاغراق كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى