خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھشىباغ يېزىسى ئورمان كەنتى 6-فېۋرال مول مەزمۇنلۇق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىلىشش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى .
پائالىيەتتە، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشىپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قىزىل ناخشا ئېيتىپ، بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقىغا ئېغىز تىگىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى چىڭىيتتى .
سۈرەتتە: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدىن كۈرۈنۈشلەر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى