باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا يانتاياق بولغاچقا، ياپونىيە ئوكىناۋادىكى يېڭى بازىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈردى

2017.02.07 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى 6-فېۋرال ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فۇتېنما بازىسىنى كۆچۈرۈش ئورنى بولغان ئوكىناۋا ئارىلى شىناكۇ قىرغىقىدا يېڭى بازىنىڭ دېڭىزدىكى ئاساسىي گەۋدە قىسمىنىڭ قىسمەن قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىدى. ئۈچ كۈن بۇرۇن، ياپونىيەگە زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس ماتتىس ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو بىلەن بىرلىكتە، شىناكۇنىڭ فۇتىنما بازىسىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىدىكى بىردىنبىر ھەل قىلىش لايىھەسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى تېخىمۇ قاتتىقلاشتى.

  ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئابى شىنزو ھۆكۈمىتى بىلەن ئوكىناۋا يەرلىك تەرەپ ئارىسىدا بازىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇرۇش ئوتى قايتا ياندى، ئوكىناۋانىڭ قارشى پىكرى بارغانسېرى كۈچلۈك بولماقتا، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم سوتلىشىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر