باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ۋاقىتلىق توختاتتى

2017.02.06 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ بىر سوتچىسى 3-فېۋرال پۈتۈن ئامېرىكا دائىرىسىدە زۇڭتۇڭ ترامپ ئىمزالىغان مۇساپىر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش مەمۇرىي بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش ھۆكۈمى چىقاردى. ئاق ساراي شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆكۈمنى كېچىكتۈرۈشنى جىددىي ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى ۋە زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ غەربىي رايونلۇق فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى جامېس روبارت شۇ كۈنى سېئاتىل شەھىرىدە، ۋاشىنگتون ۋە مىننېسوتا ئىككى ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار دەۋا توغرىسىدا يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقاردى، بۇ «ۋاقىتلىق توڭلىتىش بۇيرۇقى» پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ترامپنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى فېرگۇسون مۇنداق دېدى: سوتچى روبارتنىڭ ھۆكۈمى دەرھال كۈچكە ئىگە بولۇپ، زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ئىمزالىغان مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ۋاقىتلىق توختاتتى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى پۈتۈن ئامېرىكا دائىرىسىدە كۈچتىن قالىدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھۆكۈم ترامپنىڭ چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ئىمزالىغاندىن بۇيان ئۇچرىغان «ئەڭ قاتتىق قانۇن زەربىسى»كەن.

  ئاق ساراي شۇ كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، روبارتنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقنى ۋاقىتلىق توختىتىش ھۆكۈمىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر