باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئايروپىلان بۆلمىسىنى ئۆزگەرتىپ بىمار توشۇش ھەقىقەتەن بار ئىش

2017.02.06 17:41   مەنبە: خەلق تورى

ئايروپىلان بۆلمىسىنى ئۆزگەرتىپ بىمار توشۇش ھەقىقەتەن بار ئىش

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: سۆڭىكى سۇنغان يولۇچىنى توشۇش ئۈچۈن ئايروپىلان بۆلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ؟ بۇ ئاڭلىماققا بىر ئاز يېڭى ئاڭلىنىدۇ، بىراق بۇ ئىككى كۈن بۇرۇن راس بولغان ئىش.

  4-فېۋرال سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، غۇلجىدىن ئۇچقان CZ6905- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. بۇرۇنقىغا ئوخشىمىغان يېرى بۇ قېتىمقى قىسقا مۇددەت توختاش جەريانىدا، ئالاھىدە بىر رېمونت گۇرۇپپىسى لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئايروپىلانغا چىقتى ۋە ئايروپىلان بۆلمىسىنى ئاددى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

  «ئىش ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس، بىراق ئىككى قۇر ئورۇندۇقنى ياتقۇزۇپ قۇراشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندا بىمار ئاندىن راھەت ياتالايدۇ»- دېدى ئايروپىلان رېمونت بازىسى ئايروپىلان لىنىيەسى بۆلمى ئۇچاستىكا باشلىقى فەن يۈخۈي چۈشەندۈرۈپ - « نوسىلكا ئۇزۇن بولغانلىقتىن ، يولۇچى بۆلمى ئارقا ئىككى رەتتىكى توققۇز ئورۇندۇقنى ياتقۇزۇش لازىم، ئاندىن تىرەك جازىنى ئايروپىلان يولۇچى بۆلۈمچىسىنىڭ پولى ئۈستىگە مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا نوسىلكا مەزمۇت تۇرىدۇ.»

  بىر سائەتتىن كېيىن، CZ6905- نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن قوزغالدى ۋە شۇ كۈنى سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە بىمارنىڭ تېخىمۇ ياخشى داۋالىنىشى ئۈچۈن بېيجىڭغا يەتكۈزۈلدى.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ 95539 يولۇچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى خادىمى لى جياڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «‹نوسىلكا يولۇچى› دېگىنىمىز يولۇچى ئۆزى مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالمايدىغان ياكى كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر، پەقەت نوسىلكىدىلا سەپەرگە چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان يولۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ، يولۇچى ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئالدى بىلەن 72 سائەت بۇرۇن جەنۇپ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ ياكى 95539 قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق ئىلىتىماس قىلسا بولىدۇ.»

  ھەر بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قائىدە بويىچە ئېيتقاندا بىر «نوسىلكا يولۇچى»نى سېلىشقا بولىدۇ. كىرا چىقىمى ئۈچۈن ئادەتتە نەچچە ئورۇندۇقنىڭ كۆلىمىنى ئىگىلىگەن بولسا، شۇنچە ئورۇندۇققا بېلەت ئالسا بولىدۇ.

  ئۇنىڭدىن سىرت، يولۇچى بېلەت سېتىۋالغاندا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئېتىراپ قىلدىغان دوختۇرخانا چىقىرىپ بەرگەن داۋالىنىش ئىسپاتى ياكى دىياگنوز ئىسپاتىنى كۆرسىتىش لازىم،

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئايروپىلان ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى 96 سائەتتىن ئايروپىلان ئۇچقۇچە بولغان ئارىلىقتىكى داۋالىنىش ئىسپاتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھا رىقابىتى ئارقىلىق تالىشىشقا بولمايدىغ…
    ·ساۋفىيديەن رايونىدا پايتەخت ئالىي مەكتەپلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رايونى بەرپا قىلىنىدۇ
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قىسمەن ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەر…
    ·نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسل…
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى
    ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چىڭ تۇتۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ