باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى

2017.02.06 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: باھار كىرىشى بىلەنلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ دېھقان-چارۋىچىلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ سوۋغىتىنى تاپشۇرۇۋالدى. 4- فېۋرال، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلىك ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزىلاردىكى ھاشار ئاساس قىلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئىشلىتىشنى قەتئى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. ھەرقانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ ھەرقانداق شەكىلدە دېھقان-چارۋىچىلارنى ھەقسىز ھاشارغا ئىشلىتىشى ياكى ھاشارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئارتىپ قويۇشى، سېلىق سېلىشى ۋە يەنە خالىغانچە جەرىمانە قويۇشى قەتئى چەكلىنىدۇ. يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بازارلاشتۇرۇش يولى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋىلىشى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشى لازىم.

  ھەردەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت دەپ تونۇشى ۋە بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قەتئى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. كادىرلار ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىشى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» غا مۇلازىمەت قىلىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇشى لازىم. نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ دېھقان-چارۋىچىلارغا سېلىق سالغان، قالايمىقان جەرىمانە قويغانلارنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىش لازىم. سىياسەت تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەر مىللەت دېھقان–چارۋىچى ئاممىسىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر