خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − توخۇ يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 23-يانۋار ئالايىتەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 65-جىتۈەنجۈنىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ليەندۈيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىمىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي تەلىم- تەربىيەنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، قىسىم قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
سەددىچىننىڭ شىمالى ئاپئاق قار بىلەن پۈركەنگەنىدى، گازارما قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. 23-يانۋار چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 65-جىتۈەنجۈنى مەلۇم پىيادە ئەسكەرلەر لۈيىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىگە كېلىپ، جاڭجياكۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، كۆپچىلىك بىلەن ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4تىن ئاشقاندا، شى جىنپىڭ بۇ لۈينىڭ «ئۈچ قېتىم چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن 3-ليەنى»نىڭ ئۆگىنىش سىنىپىغا كەلدى. ليەندۈينىڭ نەزەرىيە تايانچلىرى ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، «گازارمىدا ئۆگىنىش» يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق ليەندىكىلەرگە ئۆگىنىش نەتىجىلىرى كۆرسىتىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ زامانىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەۋرگە، ئەمەلىيەتكە، كوماندىر-جەڭچىلەرگە يېقىن تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەلىرى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان» ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، «پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك مۇستەھكەم ئەقىدە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەت»كە ئىگە، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىم قۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى قىسىملاردا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى