باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىسلاھات خىزمىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك

2017.02.07 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئاچقۇچ، ئۇلار ئىسلاھاتنى يەنىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى شەخسەن چىڭ تۇتقان ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقتىن باش تارتماي، مۇھىم ئىسلاھاتنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم لايىھەدە ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇشقا ئۆزىنى ئاتىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى»، «پارتىيەنىڭ يەرلىكنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلارنىڭ رەھبەرلىك مېخانىزمى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «تاشقى ئىشلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «چەت ئەلگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «دۆلەت پەن- تېخنىكا تەدبىرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش تۈزۈم قۇرۇلۇشى لايىھەسى»، «جامائەت ئۇچۇر بايلىقىنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «دەريا ۋادىلىرى بويىچە مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھات لايىھەسى»، «مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مۇخبىر، مۇھەررىر، دىكتور، باشقۇرۇش ئىش ئورنى كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىناق يولغا قويۇش پىكرى»، «دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ <قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش>تىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ «مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش توغرىسىدىكى دوكلاتى»، «چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش توغرىسىدىكى دوكلاتى» ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر