باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى» سىدنېيدا داغدۇغىلىق باشلاندى

لى كېچياڭ بىلەن ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل تەبرىك سۆزى قىلدى

2017.02.06 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق «جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ساياھەت يىلى» شۇ جاي ۋاقتى 5-فېۋرال ئاۋسترالىيە سىدنېيدا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى تۇرنبۇل باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى تىرەپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈۋرۈكنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ساياھەت قىلىشنى خالايدىغان جايغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇلتۇر ئىككى تەرەپكە بېرىپ كەلگەن كىشىلەر 2 مىليون ئادەم/قېتىمغا يەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ساھەدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئەل رايى ئاساسى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئاۋسترالىيە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيانقى ياخشى تەرەققىيات ئاساسىدا، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش-ئۆرنەك ئېلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ، رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  تۇرنبۇل مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە-جۇڭگو ساياھەت ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ قىممىتى بار ساياھەت بازىرىغا ئايلاندى، بۇلتۇر ئاۋسترالىيەگە ساياھەتكە چىققان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر 1 مىليون 200 مىڭغا يەتتى. «ئاۋسترالىيە-جۇڭگو ساياھەت يىلى» پائالىيىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئاۋسترالىيە-جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر