باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قار-مۇز ساياھىتى دۇنياسىنىڭ كىرىش بېلىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەقسىز بولىدۇ

2017.02.07 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ قار-مۇز ساياھىتى دۇنياسى فۇكاڭ ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، 5-فېۋرال تىجارەت ئاپپاراتى بۇ پائالىيەتنى يەنە 3-ئاينىڭ ئاخىرى قىش تۈگىگىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، خەلققە ياخشى ئىش قىلىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  فۇكاڭ شەھەر ئاھالىلىرى كىملىكىگە ياكى تۇرۇشلۇق جاي كىنىشكىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ قار-مۇز ساياھىتى دۇنياسىغا ھەقسىز كىرىپ تاماشا قىلالايدۇ.

  ئاڭلاشقا قارىغاندا، ئالدىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر تۈركۈم يېڭى پائالىيەتلەردىن: «قار-مۇز پانۇس بايرىمى»- پانۇس بايرىمى كۈنى كەچتە شىنجاڭ قار-مۇز دۇنياسىدا كوچا ئۇسسۇلى، دومىلىما مۇز قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، يۈەنشياۋنى بىر قازاندا تەڭ پىشۇرۇپ تەڭ يېيىش، پانۇسلارنى تاماشا قىلىش، پانۇسقا يېزىلغان تېپىشماقنى تېپىش، ساليوت كۆرگەزمىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق سەيلە پائالىيەتلىرى؛ «قار-مۇز ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» __ «مۇھەببەت» ئاساسىي تېما قىلىنغان يىغىلىش؛ «مۇز ئۈستىدىكى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى»__ بوغدا كۆلىدە كۈندە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇز ئۈستى تەنتەربىيەسى؛ «فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى» قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر