باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ چارە ئېلان قىلدى

مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت بۇلغاش جىنايىتىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش كېرەك

2017.02.07 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېقىندا «مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتى چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن يىپ ئۇچىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىت بۇلغاش جىنايى قىلمىشىغا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت مېخانىزمى ۋە قوش يۆنىلىشلىك دېلودىن مەسلىھەت بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇھىت بۇلغاش جىنايى دېلولىرىنى بېجىرگەندە، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ مۇھىتنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ياكى تېخنىكا ياردىمىگە موھتاج بولسا، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى بويىچە پائال ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، نەق مەيداندا ئېنىقلاش، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ۋە بېكىتىش پىكرى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك. مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى مۇھىم دېلولارغا بىرلىشىپ ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم دېلولارغا ۋاقتىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دېلو بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر