خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەسى تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇربىيە توختى خەۋىرى، فوتوسى) ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى تۆۋەنكى توقاي كەنتىدىكى تۇلۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان 12 ئوقۇغۇچى تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەنت كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلغان بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا، ئوقۇتقۇچى ياسىنجان تۇنىيازنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلى پەنلىرىنى تەكرار قىلىپ، بۇ يىللىق ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ياخشى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى