سۈرەتتە: بىر ساياھەتچىنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق تارتقان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 3- فېۋرال، فىرانسىيەنىڭ پارىژدىكى لوۋېر سارىيىدا، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلغان ئەرنىڭ يېنىدا تۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، بىر ئەر پارىژدىكى لوۋېر سارىيىدا پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر نەپەر ھەربىي يارىلانغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىش تېررورلۇق ھۇجۇمى تۈسىنى ئالغان، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى