باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2024- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى

2017.02.06 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوس ئانژېلېس، پارىژ، بۇداپېشت 3- فېۋرال خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا 2024- يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى توغرىسىدىكى ھۆججەتنى رەسمىي تاپشۇردى، بۇ، ئۈچ شەھەرنىڭ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش «كۈچەش باسقۇچىغا كىرگەن»لىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئۈچ شەھەر تاپشۇرغان ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەچۈرمىشى ۋە مەيدان سارىيىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى پايدىلىنىشى قاتارلىق ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئۈچ شەھەر «ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدىكى ھالقىلىق باسقۇچقا رەسمىي قەدەم قويدى». ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان شەھەرگە بولغان باھالاش ۋە تەكشۈرۈش 4- ئايدىن 5- ئايغىچە قانات يايدۇرۇلىدىكەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ يىل 9- ئايدا پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئائىت قارارنى ماقۇللايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر