باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.02.04 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3- فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش ئەھۋالى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىشقا ئائىت دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ نېسى قالغان ئىش ھەققىنى ھەل قىلىدىغان ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزم ئورنىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «13- بەش يىللىق» دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى يىرىك پىلانى ماقۇللىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق بەختى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەۋسىيەسىنى ياخشى بېجىرىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. بۇلتۇر گوۋۇيۈەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 7873 تەكلىپى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 3862 تەۋسىيەسىنى باش بولۇپ بېجىرىپ، ئومۇمي ساننىڭ %91.5 ۋە %90.9نى ئىگىلىدى، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىر بەلگىلەشتە 3000دىن ئارتۇق تەكلىپ-پىكىرنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل ھەر قايسى تارماقلار تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى، تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشنى دائىملىق نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىپ، تەكشۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا، سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك. ئەھۋالى مۇرەككەپلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ بېجىرىش كېرەك. ئىككىنچى، توردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋەكىل ئەزالار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەكلىپ، تەۋسىيەلەرگە جاۋاب بەرگەندە قۇرۇق گەپ، تەكەللۇپ سۆزى قىلماي، ۋەدە بەرگەنلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، بۇ يىلدىن باشلاپ، جامائەت مەنپەئەتى، جەمئىيەت كەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە چېتىشلىق تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىدىغان ئورۇنلار پىرىنسىپ بويىچە جاۋاب بېرىش تولۇق تېكىستىنى ئاشكارىلاپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر