- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە پوجاڭزا-ساليوت ئەخلەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى
2017.02.04 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پوجاڭزا-ساليوتتىن چىققان ئەخلەت مىقدارى 90 نەچچە توننا بولۇپ، پوجاڭزا-ساليوت ئەخلىتى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرۇنەرلىك ئازايدى.
3-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شەھەر باشقۇرۇش كومېتىتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە (ھارپا كۈنىدىن چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىگىچە) جەمئىي توشۇلغان ئەخلەت 21 مىڭ توننىدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە پوجاڭزا-ساليوت ئەخلەتلىرى 90 توننىدىن كۆپرەك، مېدىتسىنا داۋالاش ئەخلەتلىرى 49.66 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54 ئاشقان. ئاشخانا ئەخلەتلىرى 194.39 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 كېمەيگەن.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاغان مەزگىلىدە (ھارپا كۈنىدىن چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىگىچە) ئۈرۈمچىدە ئېتىلغان پوجاڭزا-ساليوت ئەخلەت مىقدارى ئايرىم- ئايرىم 2012-يىلى 332.44 توننا، 2013- يىلى 298.78 توننا، 2014-يىلى 203.43 توننا، 2015-يىلى 160 توننا بولغان.
زىيارەت قىلىنغۇچىلار مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىدە قىش كۈنى تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، كىشىلەرنىڭمۇ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئۆستى؛ يەنە بىرسى پوجاڭزا -ساليوتنىڭ باھاسىمۇ ئۆسۈپ كەتتى، بۇرۇن بىر تىزىق پوجاڭزا ئون نەچچە يۈەن ئىدى، بۇ يىل ئەڭ ئەرزان بولغاندىمۇ 30 يۈەن بولدى، شۇڭا بولدى ئاتمايلى دېدۇق.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر