باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان بايرىمى مەزگىلىدە قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى بۇلتۇرقىدىن %23.4 تۆۋەنلىدى

2017.02.04 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: 27-يانۋار سائەت 0 دىن 2-فېۋرال سائەت 11گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 36 قېتىم يول قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 11 ئادەم قازا قىلغان، 43 ئادەم يارىلانغان، ئىقتىسادىي زىيان 60 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قاتناش ۋەقەسى قېتىم سانى %23.4، قازا قىلغۇچىلار سانى %35.3، يارىلانغانلار سانى %23.2 تۆۋەنلىگەن، ئىقتىسادىي زىيان 60 مىڭ يۈەن كېمىيىپ، بۇلتۇرقىدىن %50 تۆۋەنلىگەن.

  3-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر قېتىمدا ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان قاتناش ۋەقەسىدىن بىرسىمۇ يۈز بەرمىگەن، چوڭ كۆلەمدە، ئۇزۇن ئارلىقتىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىمۇ بولمىغان. ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر يول يۈرۈشتە G30، تۇرپان-ئۈرۈمچى شىمالىي چوڭ لىنىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كۆپرەك تاللىغان.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى يول يۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، چاغان ھارپىسى ۋە چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئاساسلىقى ئۈرۈمچىدىن چىقىدىغان ماشىنىلار، چاغاننىڭ بەش ۋە ئالتىنچى كۈنلىرى ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان ماشىنىلارنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان. قاتناش يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدە، ماشىنىلارنىڭ مېڭىشى تەرتىپلىك بولغان.

  بايرام مەزگىلىدە، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، ماشىنىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش قاتارلىقلار قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلىشىدىكى مۇھىم نۇقتىسى بولغان. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىدىن 116سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، مەس ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىدىن 39 قېتىم، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىدىن 77 قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئايرىم-ئايرىم %25.6، %50 ۋە %1.3 تۆۋەنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر