باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بەش يىلدىن بۇيانقى چاغان مەزگىلىدە پوجاڭزىنىڭ ھاۋاغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۇقتۇردى

2017.02.04 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە چاغان مەزگىلىدىكى پوجاڭزىنىڭ شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدىكى تەھلىل»دىن ئايان بولۇشىچە، پوجاڭزىنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن. بۇ يىل نۇرغۇن جايلار پوجاڭزا ئېتىشنى چەكلىگەن ياكى ئۇنىڭغا چەك قويغان، مۇتەخەسسىسلەر: ئۆرپ-ئادەت بىلەن باشقۇرۇش ئارىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، دېيىشتى.

  بۇ يىل چاغاندا، جايلارنىڭ پوجاڭزا ئېتىشقا بولغان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىدى، بەزىلىرى پۈتۈنلەي چەكلىدى، مەسىلەن، شاڭخەي؛ بەزىلىرى پوجاڭزا ئېتىش ۋاقتى ۋە ئورنىغا چەك قويدى، مەسىلەن، بېيجىڭ؛ يەنە نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر چەكلىمىدى ياكى چەك قويمىدى. شاڭخەي ئۇدا ئىككىنچى يىل تاشقى ئايلانما يول ئىچىدە پوجاڭزا ئېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىدى، بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر شاڭخەي ئاھالىسى: ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىدى، ھاۋا ياخشى بولدى، ئائىلىمىزدىكىلەر چاغاننى بىخەتەر ئۆتكۈزۈۋالدۇق، دېدى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسمەن شەھەرلەرنىڭ 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى چاغان ھارپىسىدىن چاغاننىڭ ئالتىنچى كۈنىگىچە PM2.5نىڭ سائەتلىك قويۇقلۇقتىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار پوجاڭزىنى مەركەزلىك ئېتىشنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرىغان، بېيجىڭ، تيەنجىن، شىجۇاجۇاڭ قاتارلىق شەھەرلەردە چاغان ھارپىسىدا PM2.5نىڭ سائەتلىك قويۇقلۇقى تېز ئۆرلىگەن، قىسمەن رايونلاردا PM2.5نىڭ سائەتلىك قويۇقلۇقى 700 ۋە 600 گە يېقىنلاشقان.

  شاڭخەي، نەنجىڭ، خاڭجۇ، تەييۈەن قاتارلىق پوجاڭزا ئېتىشنى چەكلىگەن ۋە چەك قويغان شەھەرلەردە چاغان ھارپىسىدا PM2.5نىڭ قويۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كەتمىگەن، چەكلىمىگەن ياكى چەك قويمىغان يىللارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

  بىر تەرەپتىن ئۆرپ-ئادەتنى، يەنە بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك، ھاۋانىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك تارىخ تەتقىقات سارىيىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋ شۇ مۇنداق دېدى: ئۆرپ-ئادەت كۆرۈنمەس كۈچ، پوجاڭزا ئېتىشنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ چەكلەشنى قۇۋۋەتلىمەيمەن. ئۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى، بىر خىل پىسخىكىلىق تەلەپ، بىر پارچە ھۆججەت بىلەنلا ھەل قىلىپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس. پارتىزانلارچە چەكلىگەندىن كۆرە، كىشىلەرنى چىن كۆڭلىدىن پوجاڭزا ئاتماسلىققا يېتەكلەش ئەۋزەلرەك، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا ئۇنى چەكلەيدۇ.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، كۆپچىلىك چاغاندا پوجاڭزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاز ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق پائال يېتەكلىدى. دۆلەتلىك مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ لىجيا ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق ئاممىۋىي سىياسەت قاتلىمى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ تەلىپىنى ئامال بار قاندۇرۇشى كېرەك. پوجاڭزا ئاتامدۇق-ئاتمامدۇق، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي باشقۇرۇش مۇساپىسىدىكى ناھايىتى ئاددىي ئىش. ھەر قانداق ئاممىۋىي سىياسەتنى تۈزۈشتە تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە سىياسىي ئىدىيە بولىدۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغىنىمىز: پۇقرالارنى تۇرمۇشتىن تېخىمۇ قانائەتلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ تەرتىپلىك، تېخىمۇ كۆڭۈللۈك قىلىش، مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشىلاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر