خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فېڭ يۈلەن بېغىشلىما يازغان خاتىرە مۇنارى قارىغاي ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، لياڭ سىچېڭ لايىھەلىگەن سىنىپلار بۇرۇنقىدەكلا ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا. لى كېچياڭ 24-يانۋار كۇنمىڭدىكى غەربىي جەنۇب بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونا ئورنىغا كەلدى. زۇڭلى: غەربىي جەنۇب بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى قەيسەرلىكنى مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسىنىڭ تەركىبى قىسمى قىلىپ، ئىنتايىن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئوقۇتۇشنى توختىتىپ قويمىدى، ئۇستازلار كۆپلەپ چىقىپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۈزۈپ قويمىدى. بۇ، جۇڭگو مائارىپ تارىخىدىكى مۆجىزە بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا دۇنيا مائارىپ تارىخىدىكى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى