باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا قارىتىلغان جازاغا تۈزىتىش كىرگۈزدى

2017.02.03 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2-فېۋرال، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا قارىتىلغان جازاسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى مەھسۇلاتلىرىدا بۇ ئورگان بىلەن «قىسمەن سودا مۇئامىلىسى»دە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.

  ئاق ساراي باياناتچىسى شۇ كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا چۈشەندۈرۈپ: بۇ پەقەت بىر تۈرلۈك «ئادەتتىكى تەدبىر»، ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى بوشاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، دېدى.

  بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشقا چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، جازالاش دائىرىسىنىڭ رۇسىيە ئاخبارات باش ئىدارىسى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق بەش رۇسىيە ئەمەلىي گەۋدە ئاپپاراتى ۋە رۇسىيە ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ تۆت نەپەر يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  ترامپ ئالدىنقى ئايدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر رۇسىيە تېررورلۇققا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكىغا «ياردىمى بار» بولسا، ئۆزىنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازاسىنى بىكار قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر