باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا چاغان مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %24.3 ئاشتى

2017.02.03 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: چاغاننىڭ تۆتىنجى كۈنىدىن باشلاپ تۇغقان يوقلىغان، ساياھەت بىلەن سىرتقا چىققان يولۇچىلار ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى ۋە تۆمۈريول قاتنىشىدا چاغاندىن كېيىنكى قايتىشنىڭ تۇنجى يۇقىرى پەللىسى كۈتۈۋېلىندى. بۇ، چاغاننىڭ ئونىنجى كۈنى (6-فېۋرال)گىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 908 مىڭ ئادەم / قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 178 مىڭ ئادەم / قېتىم ئېشىپ، %24.3 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون سىرتىغا چىقىدىغان يولۇچىلار 203 مىڭ بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %4.2 بولغان. ئاپتونوم رايون ئىچىدە سەپەر قىلغان يولۇچى 705 مىڭ ئادەم بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %31.6 بولغان. بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى يولۇچى ئېقىم مىقدارى 116 مىڭ ئادەم/ قېتىم بولۇپ، 25-يانۋار كۆرۈلگەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.6 كۆپ بولغان.

  مۇخبىرنىڭ 12306 بېلەت سېتىش تورىدىن ئىگىلىشىچە، چاغاندىن كېيىنكى تۆمۈريول قاتنىشىدا «شىنجاڭدىن چىقماق ئاسان، كىرمەك تەس بولۇش» ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، پانۇس بايرىمىدىن بۇرۇن شىنجاڭدىن چىقىدىغان ھەرقايسى نۆۋەتچى پويىزلاردا، بېيجىڭ بىلەن شاڭخەينىڭ بېلىتى سەل قىس بولۇشتىن سىرت، باشقا جايلارنىڭ بېلىتى نورمال سېتىلىۋېتىپتۇ.

  شىنجاڭغا كىرىشتە، ئومۈميۈزلۈك بېلەت قىس بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بولۇپمۇ جېڭجۇ، شاڭخەي، چېڭدۇ، شىئەن تەرەپتىن كېلىدىغان پويىزلارنىڭ قاتتىق ئورۇندۇق بېلىتىمۇ قالمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر