باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2017.01.25 14:46   مەنبە: خەلق تورى

يۈ جېڭشېڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 24-يانۋار پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: 2016-يىلى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشى رەسمىي ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. 2016- يىلى، يەنە دىنىي خىزمەتلەردىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دىن خىزمىتىگە دائىر زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار پائال ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا خىزمەت قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن تاماملىنىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى ئالمىشىش ئەمەلگە ئېشىپ، دىن خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. دىنىي ساھەدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى لازىم.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى ۋەزىيەتتە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھالقىلىق مەسىلە. دىنىي تەشكىلاتلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دىنىي مەكتەپلەرنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى جانلاندۇرۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى، ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى لازىم.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، ھەر قايسى تارماقلار دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللىشى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشى، دىنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار دىنىي ئېتىقادچى ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ چاغاننى خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·نىڭشيادا نامرات كەنتتە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
    ·ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىللىق مائارىپ خىزمىتىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى بېكىتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسل…
    ·گوۋۇيۈەن «دۆلەت مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ <13-بەش يىللىق> يىرىك پىلانى»نى تارقاتتى
    ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاش چىڭ تۇتۇلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «13ـ بەش يىل»دا، ئېلىمىزدىكى 181 پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ نامى بىردەك ئۆ…
    ·2017- يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 119 نەپەر مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ
    ·قىزىل راۋاقتىكى چۈش كىلاسسىك ئەسىرى2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمىتھانى بېيجىڭ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ زۆر…
    ·2017-يىلى ئەتىيازلىق ماتېرىياللاردا 14 يىللىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇش ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك …
    ·جاڭ جىڭزې مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولدى