باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەننىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تۆلەم بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر

2017.01.24 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2017-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى)

  تېرىلغۇ يەر ئېلىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى، ئۇ نەچچە مىليون كىشىنىڭ قورساق تويغۇزۇش چوڭ ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك، بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، جايلار، تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تۆلەم بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق قوغداپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقى داۋاملىق ئازىيىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تۆلەم بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كۈنسېرى ئېشىپ، رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشمەي، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش كۆپ خىل بېسىمغا دۇچ كەلدى. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تۆلەم بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيەسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يەر ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق ئۈچ تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى خۇددى مۈشۈكئېيىقنى قوغدىغاندەك قوغداپ، تېرىلغۇ يەر مىقدارى، سۈپىتى، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» قوغداشنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش، قۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ كۆپ خىل تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ۋە قوغداپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تۆلەم بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئاشلىقنى يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىپ ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك بايلىق ئاساسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر