باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: تۆۋەن كاپالەتتىكى «مۇناسىۋەت كاپالىتى»، ئالداپ كاپالەتلىنىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ

2017.01.24 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن «مۇناسىۋەت كاپالىتى»، «ئادەمگەرچىلىك كاپالىتى»، ئالداپ كاپالەتلىنىش، خاتا كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گۇڭ پۇگۇاڭ 23-يانۋار مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە كونكرېت چارە تۈزۈپ، كىرىمى، مال-مۈلكىنى يوشۇرغان، يالغان ئىسپات، ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭمۇ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ سىياسەت جەھەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، گۇڭ پۇگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىدىن 60 مىليون 534 مىڭ كىشىگە ياردەم بەردۇق، بۇ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %4.5نى ئىگىلەيدۇ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۆت جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىپ «مۇناسىۋەت كاپالىتى»، «ئادەمگەرچىلىك كاپالىتى»، ئالداپ كاپالەتلىنىش، خاتا كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر