باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ئامېرىكىنىڭ TPP دىن چېكىنگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى

2017.01.24 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 23-يانۋار تەستىق سېلىپ مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (TPP) دىن چېكىنگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى.

  ترامپ تەستىق سېلىپ مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: TPP دىن چېكىنىش ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا «چوڭ ياخشى ئىش».

  ئاق ساراي ئاخبارات باياناتچىسى سپايسېر شۇ كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنى تەستىقلاش، ئامېرىكا سودا سىياسىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ترامپ ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە ئامېرىكا ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپ سودا پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  ترامپ سايلام رىقابىتىدە TPP نىڭ ئامېرىكا ياسىمىچىلىقىنى «ۋەيران قىلىدىغان» لىقىنى كۆپ قېتىم سۆكۈپ، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى رايون سودا كېلىشىمى ئىمزالىمايدىغانلىقى، بىرگە بىر بولغان ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىمى سۆھبىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۇ يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ تېزدىن كانادا ۋە مېكسىكا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا قايتا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر