باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرادىن مېۋە كىرگۈزۈشكە بەلگىلەنگەن ئىمپورت ئېغىزى بولۇپ تەستىقلاندى

2017.01.24 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرادىن مېۋە كىرگۈزۈلۈشكە بەلگىلەنگەن ئىمپورت ئېغىزى قىلىپ تەستىقلىنىپ، ۋىۋىسكا ئېسىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ، قەشقەر خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە قونجىراپ چېگرا ئېغىزىدىن قالسىلا چېگرادىن مېۋە كىرگۈزىدىغان ئىمپورت ئېغىزى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا ھازىرلانغان ئۈچىنچى ئىمپورت ئېغىزى بولۇپ قالدى. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بۇ يىل ئىچىدە، رۇسىيەنىڭ بۆلجۈرگەنلىرى، تەيۋەننىڭ ئاناناسلىرى قاتارلىق ھەر خىل مېۋە-چىۋىلەر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا بىۋاسىتە يېتىپ كېلىپ، تېخىمۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ ئەرزان ھالدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تائام ئۈستىلىگە چىقىشى مۇمكىن.ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمكارلىقى يۈرگۈزۈپ، «بىر قېتىم مەلۇم قىلىش، بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، مېۋە ئىمپورت قىلىدىغان «يېشىل كارىدور»نى يولغا قويۇپ، «ئالدىن كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش، ھىچ ئۆچرەت بولماسلىق، خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ، تەكشۈرۈش ۋە مال تۇرۇپ قالماسلىق» قاتارلىق بىر قاتار قولايلىق ھالدىكى تاموژنىدىن ئۆتۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىكەن. شۇ ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ مېۋىگە ساقلاپ تۇرۇش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرادىن مېۋە كىرگۈزۈش ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر