باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

ئېلىمىز تور ئابونتلىرى سانى 730 مىليونغا يەتكەن

2017.01.23 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى 22-چېسلا ئېلان قىلغان 39- قېتىملىق «جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئىستاتىستىكا دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى 12- ئايغا قەدەر، ئېلىمىز تور ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 731 مىليونغا يېتىپ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %53.2نى ئىگەللەپ، دۇنيا ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 3.1 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 7.6 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016 – يىلى بىر يىلدا ئېلىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تور ئەھلى سانى جەمئىي 42 مىليون 990 مىڭ ئادەم بولۇپ، كۆپىيىش نىسبىتى %6.2گە يېتىپ، ئېلىمىز تور ئابونتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ياۋروپانىڭ ئومۇمىي نوپۇس مىقدارىغا باراۋەر بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يان تېلېفون تور ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 695 مىليون بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %95.1كە يەتكەن، ئېشىش نىسبىتى ئۇدا ئۈچ يىل %10تىن ئاشقان. ئەمما ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، يان تېلىفون ئۈزلۈكسىز تۈردە باشقا شەخسى تورغا چىقىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەشتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر