باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016- يىلى جۇڭگو-رۇسىيە ئارا ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىش سانى يېڭى رېكورتنى ياراتتى

2017.01.23 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ساياھەت مەھكىمىسى 20- چېسلا مۇنداق جاكارلىدى: «2016- يىلى جۇڭگو يەنىلا رۇسىيەنىڭ بىرىنجى چوڭ چېگرىدىن كىرىدىغان ساياھەتچىلەر مەنبەسى دۆلىتى بولدى، جۇڭگومۇ ھەم رۇسىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىشتىكى نىشان دۆلەتلىرى ئىچىدە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ چوڭ بولغان بىر دۆلەت بولدى.»

  ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2016- يىلى پۈتۈن يىلدا، رۇسىيەگە چىقىپ ساياھەت قىلغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 73 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشقان؛ رۇسىيەدىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بىر مىليون 183 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ساياھەت مەھكىمىسى مەھكىمە باشلىقى سافونوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «2017- يىلى بولسا ‹ئۆكتەبىر ئىنقىلابى›نىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى، روسىيە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئاچىدۇ ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىدۇ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، بولۇپمۇ «قىزىل ساياھەت» تۈرىدە، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا قوللىشىپ، زىچ ھەمكارلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر