باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ئامانلىق ئىشلىرى بويىچە جازالاش سالمىقىنى ئاشۇردى

ئاممىۋى سورۇنلاردا راستقا تەقلىد قىلىنغان قورال ئېلىپ يۈرسە، قولغا ئېلىشقا بولىدۇ

جامائەت بۇنىڭغا قارىتا ئالاقىدار پىكىر-تەكلىپلەر بولسا، 15- يانۋاردىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق ئىنكاس قىلىشقا بولىدۇ

2017.01.23 13:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» (تۈزىتىلگەن ئاشكارا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، ھەمدە ئاشكارا پىكىر ئېلىندى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئامانلىق جەرىمانە قويۇش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەرىمانە سوممىسى ۋە دەرىجىسىنى تەڭشىدى، يەنى، 500 يۈەندىن تۆۋەن، 1000 يۈەندىن تۆۋەن، 1000 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن ياكى 1000 يۈەندىن يۇقىرى 3000 يۈەندىن تۆۋەن دېگەندەك جەرىمانە دائىرىسى بەلگىلەندى. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا يەنە راستقا تەقلىد قىلىنغان قورالنى باشقۇرۇش، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى.

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە، ساقچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارنى ئېغىر جازالايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارنى ھاقارەتلەپ، ئەيىبلەپ، دوق قىلىپ، توپلىشىپ توسۇۋېلىش؛ ساقچى ماشىنىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، بەلگىلىگەن ئاگاھ دائىرىسى ۋە ئاگاھ رايونى ياكى تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا بېسىپ كىرىش؛ ساقچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش دېگەندەك باشقا قىلمىشلارمۇ بار. 62- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدە، دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە نارازى بولۇش سەۋەبىدىن، ياكى دۆلەت خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاچچىقىنى چىقىرىش ۋە ئۆچ ئېلىش دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن، ئۇ خىزمەتچى خادىملار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارغا دوق قىلىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ، ئۇرغان ياكى قەستەنلىك بىلەن ئۇلارنى زەخىملەندۈرگەن بولسا، بەش كۈنىدىن يۇقىرى 10 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسا، ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ھەم 1000 يۈەندىن يۇقىرى 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ساقچىلارغا قارىتىپ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر