باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئۈرۈمچى ساي يولىدا «بىر كۆۋرۈك بىر مەنزىرە» ئىلغار نۇسخىسىنى بەرپا قىلىدۇ

42 مىڭ كۇۋادرات مېتىرلىق چاتقاللىق تولۇقلاپ تىكىلىدۇ، 100 مىڭ تۈپ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق گۈللەر ئالماشتۇرىلىدۇ

2017.01.23 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگەللىشىچە، ساي يولىدىكى «بىر كۆۋرۈك بىر مەنزىرە» ئىلغار نۇسخىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، بۇ يىل ساي يولى لىنىيەسى قاسنىقىدا 42 مىڭ كۇۋادرات مېتىرلىق چاتقاللىق تولۇقلاپ تىكىلىدۇ ، 100 مىڭ تۈپ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق گۈللەر ئالماشتۇرىلىدۇ.

  گۈللەرنى تولۇقلاپ تىكىش ۋە ئالماشتۇرۇشتىن سىرت، 2017- يىلى ساي يولى كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسى ساي يولىدا غەربى چوڭ كۆۋرۈكتىن يۇقىرىقى شاخېچىياۋ كۆۋرۈكىگىچە بولغان يول بۆلىكىدە، ساي يولى يېشىللىقى«بىر كۆۋرۈك بىر مەنزىرە» گۈللۈك مەنزىرىسىنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئورۇنداش، 35 مىڭ 847 كۇۋادرات مېتىر دائىرىدە، چوڭ ھەجىم، چوڭ رەڭ پەرقى بويىچە گۈل تىكىش، سترولۇق شەكىلدىن ئۈچ گۇرۇپپا، گۈل دۆۋىسىدىن بەش گۇرۇپپا، ئاسما تەشتەكتىن 11 مىڭ گۇرۇپپا قويۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربى چوڭ كۆۋرۈكتىن يۇقىرىقى شاخې كۆۋرۈكىگىچە بولغان يول بۆلىكىدە، مېۋىلىك دەرەخ ۋە رەڭلىك يوپۇرماقلىق دەرەخ تۈرلىرى مەنزىرە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مېۋىلىك دەرەخ ۋە رەڭلىك يوپۇرماقلىق دەرەختىن 20 مىڭ 110 تۈپ تىكىپ، ھۇزۇر بېرىش كۈچى زور بولغان، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ خىل رەڭلىك ساي يولى ئارقا كۆرۈنۈش ئورمان بەلۋېغىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر