باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىلى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى يىغىنى فېۋرالدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.01.23 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات مەركىزى ۋە شىنجاڭ دۆلەت كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى يىغىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11- فېۋرالدىن 12- فېۋرالغىچە، 18- فېۋرالدىن 19- فېۋرالغىچە، 4- مارتتىن 5- مارتقىچە، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى 4- نومۇرلۇق كۆرگەزمە زالىدا ئۇدا ئۈچ مەيدانئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى ئەتىياز ھەر قايسى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى يۇقىرى پەللىسى مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئەتىيازلىق يىغىنىنىڭ تەسىر دائىرىسى تەدرىجىي كېڭىيىپ، 2017- يىلى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئەتىيازلىق چوڭ تىپتىكى يىغىنىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، پاي چېكىنى بازارغا سالغان شىركەتلەر، پۇقراۋى كارخانىلار قاتنىشىدىكەن، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى يەنە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ يىغىن يەنە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىنى جەلپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر