باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ رۇڭنىڭ پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2017.01.24 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ رۇڭنىڭ پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار سۇ رۇڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قالدۇردى ۋە خۇسۇسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى؛ زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىغا يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، ئۈچ جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ۋە خۇسۇسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلدى. سۇ رۇڭ سوتتا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنىدىغانلىقى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر