خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-يانۋار خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرىدە قىشلىق ئو ت م نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 2022-يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار قالتىس، ئۆزگىچە، كاتتا ئو ت م ئۆتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، پىلاننى ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈپ، بايلىقلاردىن تېجەپ تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بەلگىلەنگەن سۈرئەت بويىچە يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇندىشى كېرەك.
قەھرىتان قىش پەسلىدە، شىمالىي جۇڭگونىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئېگىز تاغ ۋە چوققىلار ئاپئاق لىباس كىيگەنىدى. شى جىنپىڭ 23-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن جاڭجياكۇ شەھىرىدىكى نىڭيۈەن ئايروپورتىغا يېتىپ باردى. ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى، ئۆلكە باشلىقى جاڭ چىڭۋېينىڭ ھەمراھلىقىدا قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئاپتوموبىل بىلەن قىشلىق ئو ت م نىڭ جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىدىكى ۋاقىتلىق كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، بۇ جاينى كۆزدىن كەچۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى