باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «<13-بەش يىللىق> بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يىرىك پىلانى» بېسىپ تارقاتتى

2017.01.24 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<13-بەش يىللىق> بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يىرىك پىلانى» بېسىپ تارقاتتى. بۇ مەملىكەت بويىچە بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ تۇنجى ئوتتۇرا-ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانى، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى، بازار ئادىل رىقابىتىنى قوغداش، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ياخشى بولغان بازار ئىجازىتى مۇھىتى، بازار رىقابىتى مۇھىتى ۋە بازار ئىستېمال مۇھىتى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ھازىرقى زامان بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدىيەسى تۇرغۇزۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بازارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلغىچە، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئاساس، كارخانىلار تەلەپچان بولۇش ۋە جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى قىلغان بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، سەمىمىي، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئادىل رىقابەتلىشىشكە پايدىلىق بازار مۇھىتى، قولايلىق، خەلقئارالاشقان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ئازادە، قولايلىق بازار ئىجازىتى مۇھىتى، ئادىل، تەرتىپلىك بازار رىقابىتى مۇھىتى، بىخەتەر، خاتىرجەم بازار ئىستېمال مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر