باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى %4.5 ئاشتى

2017.01.24 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 23-يانۋار ئېلىمىزنىڭ 2016-يىللىق مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 15 ترىللىئون 955 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇرلتۇرقىدىن %4.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 7 ترىللىئون 235 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان؛ يەرلىك ئادەتتىكى جامائەت خامچوت ئۆز كىرىمى 8 ترىللىئون 719 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمىدىكى باج كىرىمى 13 ترىللىئون 35 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئاشقان؛ باجدىن باشقا كىرىم 2 ترىللىئون 919 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىمى 4 ترىللىئون 661 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 ئاشقان. مەركەز ۋە يەرلىكنى ئايرىپ قارىغاندا، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند كىرىمى 417 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشقان؛ يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ئۆز كىرىمى 4 ترىللىئون 244 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.9 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش كىرىمى 3 ترىللىئون 745 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر