باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى مەملىكەت بويىچە ئاممىباب كارتىغا ئايلاندۇرۇش 2017-يىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2017.02.03 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ساداسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بارلار 972 مىليونغا يەتكەن، نۇرغۇن جايلار ئاممىنىڭ بىر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەنلا نومۇر ئېلىپ كېسەل كۆرسىتىش، پۇل مۇئامىلە چىقىم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. 2017-يىلى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى يەنە مەملىكەت بويىچە ئاممىباب كارتىغا ئايلاندۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن نومۇر ئېلىشىم، نەق پۇلمۇ كەتمەيدىكەن، نومۇرنى شۇ ھامانلا ئالغىلى بولىدىكەن، دېدى جاڭ خانىم، ئۇ سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ ئاپتوماتىك ماشىنىسىدا «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن كېسەل كۆرسىتىش»، «نومۇر ئېلىش»نى تاللاپ، بىر نەچچە سېكۇنتنىڭ ئىچىدىلا نومۇر ئېلىپ پۇل تۆلەشنى تاماملىدى. تەييۈەن شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدىكى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، ئاتچوت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە دوختۇرخانىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتى. ئىلگىرى نومۇر ئېلىشقا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىراتتى، بىر قىسىم دورا ۋە خىمىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىگىمۇ نەق پۇل كېتەتتى. ھازىر، بارلىق چىقىمنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەنلا تۆلىگىلى بولىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق بەش فوندىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 5 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشقان، ئومۇمىي چىقىم 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشقان. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بارلار 972 مىليونغا يەتكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بار كىشىلەرنىڭ 1 مىلياردتىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر