باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چاغاننى ئىناق ۋە خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى

2017.01.26 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 23-يانۋاردىن 25-يانۋارغىچە، يۈەننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن خاۋ، ئۆلكە باشلىقى رۇەن چېڭفانىڭ ھەمراھلىقىدا، جاۋتۇڭ، كۈنمىڭ شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن لۇديەننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، لى كېچياڭ شۇ يىلى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان لۇڭتۇشەن بازىرىغا بېرىپ، ئىلگىرىكى خارابىلىكنىڭ ئورنىغا رەت-رەت يېڭى ئۆيلەر سېلىنغانلىقىنى، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان يول قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىكتىن ھال سورايمەن. كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە، لى كېچياڭ كۆيۈنگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقى، چاغانلىق بۇيۇملارنى تەييارلىغان-تەييارلىمىغانلىقىنى تەپسىلىي سوراپ، شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى تاپىلىدى. لى كېچياڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما تەييارلىغان كۈتۈۋېلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرغانلىقىنى ماختىدى. ئۇ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك بىر يىل جاپا چەكتىڭلار، ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈڭلار، كېلەر يىلى، دۆلەتنى، يېڭى يۇرتۇڭلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇڭلار. بەزى كەنت ئاھالىسىنىڭ سىرتتا ئىشلىگەن ھەققىنىڭ نېسى قالغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى ئاڭلاپ، لى كېچياڭ دەرھال شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەملىكەت بويىچە نېسى قالغان ئىش ھەققى مەسىلىسىنى يەنىمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جاھىل كېسەلگە ماھىيەتتىن تۈزەش چارىسنى قوللىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر