باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى دەلىللىدى

2017.02.03 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داھگان 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئىران ھەربىي تەرەپنىڭ يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى دەلىللىدى.

  ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، داھگان: بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىراننىڭ ھەربىي مۇداپىئە تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش ئىران يادرو كېلىشىمى روھىغا خىلاپ ئەمەس، ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك پىلان ۋە قارارلىرى ھەرگىز ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۇيان-بۇيان قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، دېدى.

  داھگان بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ئىران 1- ئاينىڭ 29-كۈنى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى، سىناقتا قويۇپ بېرىلگەن جاي تېھراندىن 225 كىلومېتىر يىراقلىقتا، دېيىلگەن ئىدى.

  ئىران بۇلتۇر كۆپ قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ھەمدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئىران رەددىيە بېرىپ، ئىران مۇداپىئە خاراكتېرلىك قورال تەتقىق قىلىپ ياساش ھوقۇقىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى سىناق قىلىش يادرو قوراللىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر