باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت باش كاتىپى گۇتېرىس جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

2017.01.27 10:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىلى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېرىس كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق جۇڭگو خەلقى ۋە يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

  گۇتېرىس كۆرۈنمە چاستوتىدا ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا: «دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېدى، ئارقىدىن يەنە خەنزۇچە: «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن»، دېدى.

  گۇتېرىس مۇنداق دېدى: «توخۇ يىلى ھەرقانداق ئىشقا بالدۇر ھەرىكەت قىلىشقا سىمۋول قىلىنىدۇ، ھەمدە يېڭى باشلىنىشقا سىمۋول قىلىنىدۇ. توخۇ يىلى خىزمەتتە چوقۇم ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىش, يەنە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشنى تەكىتلەيدۇ. بۇ خىل پەزىلەت بىزنىڭ قىيىن مەزگىللەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىزغا پايدىلىق.

  گۇتېرىس مۇنداق دېدى: «مەن 2017- يىلنى تىنچلىق يىلى قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدىم. بىز چوقۇم ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشىمىز، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش ھەركەتلىرىگە زەربە بېرىشىمىز، نامراتلىقنى يوقىتىپ, باشقا كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىمى بۇ مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلغانلىقىمنىڭ سەۋەبى».

  سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، گۇتېرىس يەنە خەنزۇچە «يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» ۋە «رەھمەت»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر